نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 381 قېتىم كۈرۈلدى
تاجىكىستان، رۇسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان كۆپ ساھەدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈنۈگۈن تاجىكىستان پىرېزىدېنتى راخمان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ، پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى ۋە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە يىغىن ئىچىپ، رايون بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى. تۆت دۆلەت پىرېزىدېنتى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىمزا قويغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تاجىكىستان، رۇسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان تۆت دۆلەت ئافغانىستان مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش، زەھەر چەكلەش ۋە تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بىرىدۇ.

يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: تۆت دۆلەت ئۆز ئارا، شۇنداقلا، رايون تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قىلمىشىغا زەربە بېرىشى زۆرۈر؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورچىلىققا، ئېكسترىمىزمغا ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشى زۆرۈر.

 

 

 

 

مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -04 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776