رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 553 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق ئوبامانىڭ بېشىنى ئاغرىتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -20
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىقى 19-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىل 7-ئايدا، ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتنىڭ يېرىمدىن كۆپىرەكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىگەن، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنىڭ يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئارام ئېلىۋاتقان ئامېرىكا پىرزىدېنتى ئوباماغا نىسبەتەن بىر شۇم خەۋەر ھېسابلىنىدۇ، بىر قىسىم ھالقىلىق ئىشتاتلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئوبامانىڭ ئۇدا پىرزىدېنت بولۇشتەك چوڭ ئىشىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
كىشىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئوبامانىڭ كېلەر يىلقى پىرزىدېنت سايلىمىدا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ھالقا دەپ پەرەز قىلدى. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئوبامانىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى قارارىنى قوللايدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ، قوللاش نىسبىتى %16كە چۈشۈپ قالغان، ئومۇمىي قوللاش نىسبىتىمۇ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەنى %39كە چۈشۈپ قالغان. ئاق سارايدىكى ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما تېزلا بىر يۈرۈش باج كېمەيتىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان لايىھەلەرنى يېقىندا ئېلان قىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە ئۇ 5-سېنتەبىر ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا سۆز قىلىشى ھەمدە پۈتۈن پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشىشى مۇمكىنكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش