رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 535 قېتىم كۈرۈلدى
كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىم يوڭسام بارلىق مۈلكىنى ئىئانە قىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5 – يانۋاردىكى خەۋىرىدە، كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، 83 ياشلىق كىم يوڭسامنىڭ 5 مىليارد ۋون(تەخمىنەن 30 مىليون يۈەن) قىممىتىدىكى مۈلۈكىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. كىم يوڭسام كورېيە زۇڭتۇڭى لى ميوڭباكتىن كېيىن شەخسىي مۈلۈكىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىككىنچى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى.
   كىم يوڭسامنىڭ شەخسىي مال مۈلۈكى، ئاساسلىقى، پايتەخت سېئۇلدىكى تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ۋون قىممىتىدىكى ئۆيى ۋە تۇغۇلغان يۇرتى كوجېدىكى زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىم يوڭسام سېئۇلدىكى ئۆيى ۋە كوجېدىكى زېمىنىنى ‹‹كىم يوڭسام دېموكراتىيە مەركىزى››گە ئىئانە قىلىدىكەن. كوجېدىكى قەدىمىي جايىنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە ئىئانە قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، كىم يوڭسام بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۈلۈكىنى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم بۇلتۇر ئالاقىدار تارماقلارنى زېمىنىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاشقا تەكلىپ قىلغان.
   كىم يوڭسام 1993 – يىلىدىن 1998 – يىلىغىچە كورېيەنىڭ 14 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، كورېيە سىياسىي سەھنىسىدە زور ئىناۋەت تىكلىگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش