رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 365 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسىگە يېقىن بولغان جايدا 6.8 بال يار تەۋرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -19
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 19-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسىگە يېقىن بولغان جايدا 6.8 بال يار تەۋرىگەن. ياپونىيە ھاۋا رايى ۋازارىتى دېڭىز تاشقىنى سىگنالىنى بەرگەن، مۆلچەرلىنىشىچە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 0.5 مېتىرغا يېتىدىكەن.
ياپونىيە ھاۋا رايى ۋازارىتى يەر تەۋرەش يۈز بېرىشتىن ئون سېكۇنت بۇرۇن يەر تەۋرەش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. توكيودىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك سىلكىنىش بولغان، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولغان بولۇپ، باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن.
 
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش