رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 417 قېتىم كۈرۈلدى
ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىياتلارغا قەدەم قويدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -19
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئالەم قاتنىشى گېزىتى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاممىنىڭ ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن «خاسىيەتلىك كېمە سەككىزىنچى ئارقىلىق ئارزۇلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى. ھازىردىن باشلاپ 10-سېنتەبىرگىچە، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇلىرى، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئارزۇلىرى، يېشىل يەر شارى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئارزۇلىرىنى خەت، رەسىم ياكى سۈرەتلىك ئاۋاز شەكىلدە ئەسەر ئىشلەپ، تېڭشۈن تورىنىڭ پائالىيەت تورى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تورى ۋە مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئارزۇلىرىنى يوللىسا بولىدىكەن.

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئەرىشئەلا بىرىنچى بىلەن خاسىيەتلىك كېمە سەككىزىنچى ئۇچرىشىش ۋەزىپىسى- ئېلىمىزنىڭ بۇ يىلقى مۇھىم پەن-تېخنىكا ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ يۈجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئارزۇ توپلاش پائالىيىتى ئاممىغا ئالەم قاتنىشى ئىلمىي بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئېلىمىز ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش