رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 776 قېتىم كۈرۈلدى
ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭدە بولىدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھىم قۇرۇلما بولۇپ، بوشلۇقتىكى ۋاكۇئۇم، يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇياش رادىياتسىيەسى ۋە مىكرو ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر خىل ئالەم نۇرلىرىنىڭ ۋە ئىسسىقلىق رادىياتسىيەلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ كىيىملەرنىڭ رەڭگى ئاق بولغاندىلا ئاندىن تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە قايتۇرغىلى، قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
بىز ئادەتتە ئاتموسفېرا قاتلىمى قوغداپ تۇرغان يەر يۈزىدە ياشايمىز، ئاتموسفېرا قاتلىمى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تۈرلۈك ئالەم نۇرلىرىنى تولۇق سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولسا قۇياشتىن كېلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسى يەر يۈزىدىكىدىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئالەم نۇرلىرىمۇ خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى توسىيالايدىغان ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم بوشلۇقى ناھايىتى سوغۇق بولىدىغان بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەسكەي تەرىپى ئالەم بوشلۇقىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى تارقىتىدىغان رادىياتسىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش