رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1525 قېتىم كۈرۈلدى
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى برېگانىڭ قىسمەن رايونلىرىنى ئىگەللىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇھىم نېفىت بازىرى برېگانىڭ قىسمەن رايونلىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، بىرلا ۋاقىتتا غەربىي سەپتىكى قىسىملارمۇ زاۋىيەھكە قاراپ ئىلگىرلەپ، پايتەخت تىرىپولى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۇدا يېقىنلىغان.

ھازىرغا قەدەر، توپىلاڭچىلار لىۋىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئىگىلىگەن، ئەمما ئىچكى ئىختىلاپ ۋە ئۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن ئىلگىرلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ كەلگەن. 11-ئاۋغۇستتىكى جەڭ غەلبىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىشتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاتماللىقنى بۇزىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

توپىلاڭچىلارنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ برېگانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى تۇرالغۇ رايونىنى ئىشغال قىلغان، ئەمما قازافى قىسىملىرى يەنىلا غەربىي رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرغان، غەربىي رايونىدا سانائەت ئەسلىھەلىرى بار ئىكەن.

توپىلاڭچىلارنىڭ سۆزى تېخى ئىسپاتلانمىغان. توپىلاڭچىلارنىڭ شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئارقىمۇ ئارقا جاكارلىشىغا قارىتا قازافى ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

غەربىي قىسىمدىكى تاغلىق رايوندا، توپىلاڭچىلار زاۋىيەھكە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كەنتكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. زاۋىيەھ بىلەن تىرىپولىنىڭ ئارىلىقى 50 كىلومېتىر كەلمەيدۇ ھەمدە تۇنىسقا تۇتۇشىدىغان ئاساسلىق يول ئۈستىدە.

 

 

 

روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاۋغۇست ئىپادە بىلدۈرۈپ، روسىيەنىڭ ب د ت قارارى رامكىسى ئىچىدە ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېرمىل سارىيى تورىدا 12-ئاۋغۇست مېدىۋىدېۋنىڭ پىرىزدېنت پەرمانى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىدىغان ئايروپىلانلاردىن باشقا ھەر قانداق لىۋىيە ئايروپىلانىنىڭ روسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەن ھەمدە يەرلىك دائىرىلەرگە لىۋىيە كېمىلىرىدىكى قوراللىق خادىملار ۋە قورال جەھەتتە تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بەرگەن.

روسىيە پىرىزدېنتىنىڭ بۇيرۇقىدا روسىيە كارخانىلىرىنىڭ لىۋىيە رەھبىرى قازافى ۋە جەمەتىدىكى باشقا ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلكىگە چېتىلىدىغان ھەر قانداق سودىنى قىلىشىنى چەكلىگەن.

 

 

 

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش