رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 638 قېتىم كۈرۈلدى
ب د ت نىڭ ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى تېخىچە ئەمىللەشمىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 

شىنلاڭ تورى 6-ئاۋغۇست خەۋىرى: خەلىقئارا لىنىيە تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ب د ت  ئىنسانپەرۋەلىك خىزمىتى ئىشخانىسى 5-ئاۋغۇست جەنۋەدە بىلدۈرۈشىچە، ب د ت شەرقى ئافرىقا ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغان  قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئىككى مىليارد 500 مىليون ئامىرىكا دوللىرىدىن پەقەت بىر مىليارد  100مىليون دوللارلا ئەمىللەشكەن بولۇپ، ئېشىپ قالغان بىر مىليارد 400 مىليون ئامىرىكا دوللىرىنىڭ تېخى ئورنى يوق..

ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قۇرغاقچىلىقتا قالغان  جىبۇتى، ئېفىئوپىيە، كېنىيە، سۇمالى قاتارلىق تۆت دۆلەتتە تەخمىنەن 12 مىليون 400 مىڭ ئادەم يىمەكلىك ياردىمىگە جىددى ئېھتىياجلىق. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇمالىنىڭ ئەھۋالى  ئەڭ ئېغىر. سۇمالىدا جەمئىي ئۈچ مىليون 700مىڭ  ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر كىنىيە، ئېفىئوپىيە قاتارلىق خوشنا دۆلەتلەرگە ئۇزۇقلۇق ئىزدەپ چىقىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ قويغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدىلا، تەخمىنەن 760 مىڭ سۇمالى مۇساپىرى كىنىيەگە بارغاب بولۇپ، ھازىر ئومۇمىي سانى 476 مىڭغا يەتكەن.

ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى ئىشخانىسى سۇمالىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپەت بىرقەدەر ئېغىر رايونلارغا ئاشلىق يەتكۈزۈشنى تېزلىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بىراق ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئىرىشكەن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاپەتتىن قۇتۇلۇشقا تولۇق يەتمەيدۇ. نۆۋەتتە، سۇمالىغا قارىتىلغان قۇتقۇزۇش مەبلىغى بىر مىليارد ئامىرىكا دوللىرىدىن پەقەت 471 مىليون ئامىرىكا دوللىرىلا ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بىرىلگەن. 

سىنا خەۋەرلەر تورىدىن dolqun تەرجىمە قىلدى

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش