رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 568 قېتىم كۈرۈلدى
پىلىپپىن پىرىزدېنتى مورو ئىسلام ئازاتلىق فرونتىنىڭ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -05
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاۋغۇست خەۋىرى: فىفلىپپىن ھۆكۈمىتى 5-ئاۋغۇست ئىسپاتلىشىچە، ففىفلىپپىن پىرىزدېنتى ئاكىنو 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىدا، ففىلىپپىندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ مورو ئىسلام ئازاتلىق  ففرونتىنىڭ رەھبىرى ئەل ھەج مۇراد ئىبراھىم بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن.
ففىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتى 5-ئاۋغۇست ھۆكۈمەت بىلەن مورو ئىسلام ئازاتلىق ففرونتىنىڭ سۆزلىشىشگە مەسئول رەئىس ۋەكىلىنىڭ رەسىمىي باياناتىنى ئېلان قىلغان. باياناتتا ئاشكارىلىنىشىچە، پىرىزدېنت ئاكىنو 4-ئاۋغۇست كەچ سائەت 18 ئەتراپىدا ياپونىيەگە يېتىپ بارغان، شۇ كۈنى كەچ سائەت 20:30 دە مورو ئىسلام ئازاتلىق ففرونتىنىڭ رەئىسى مۇراد ئىبراھىم بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن، كۆرۈشۈش تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاكىنو ياپونىيەدىن ئايرىلىپ مانىلاغا قايتىپ كەتكەن.
بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگىلى 14 يىل بولغاندىن بېرى، ففىلىپپىن پىرىزدېنتى بىلەن مورو ئىسلام ئازاتلىق ففرونتىنىڭ رەھبىرى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىشى ئىكەن. باياناتتا ئاكىنونىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە ساياھىتى بىر قېتىملىق بىرەسىمىي سەپەر بولۇپ، ياپونىيە ۋە مالايسىيانىڭ ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك سۆزلىشىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، توكيو شەھىرىدە سۆزلىشىشنى تاللىشى ئاساسلىقى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، سىرتقى جامائەتچىلىكنىڭ كاشىلا قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.
ئىگەللىنىشچە، ئۇچرىشىشتا پەقەت ئاكىنو بىلەن مۇراد ئىبراھىم ۋە يىغىن خاتىرلىگۈچىلەر بار ئىكەن. ئىككى تەرەپ يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئىككى تەرەپ ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھاسىل قىلىشقا ماقۇل بولۇشقان ھەمدە سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشتا ھېچقانداق مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلمىغانلىقىنى كاپالەت بەرگەن. مورو ئىسلام ئازاتلىق ففرونتى ئۇچرىشىشتا ئاكىنو ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىگەن. ئىككى تەرەپ ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن، ئەمما تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى قانداق تېزلىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش