رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 654 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگلىيەلىك داڭلىق تەنتەربىيە مۇخبىرى ئۇچار تەخسە بىلەن سۈركىشىپ ئۆتۈپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -05
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: « ئەنگلىيە كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 8- ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،  ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى  قاتارلىق بەش تېلېۋىزىيە پراگراممىسىنىڭ تەنتەربىيە مۇخبىرى  يېقىندا بىۋاستە ئاڭلتىش  پروگراممىسىدا  نەچچە مىڭ ئاممىغا  ئايرودورۇمغا  كېتىۋاتقان يولدا  ئۇچار تەخسە بىلەن  سۈركىشىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
بۇ تەنتەربىيە مۇخبىرىنىڭ    ئىسمى مايىك. سەۋەل بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە،  3- ئاۋغۇسىت ئەتىگەندە، لوندۇن سىتەنستېد ئايروپورتىغا كېتىۋاتقاندا،ھوردفۇد ئۆلكىسى سەھرا رايونىغا  كەلگەندە  بىر غايەت زور «ئۇچار تەخسە» نىڭ  ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەيران قالغان. سەۋىل  بىۋاستە ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان پروگرامما خوجايىنىغا تېلېفون ئۇرۇپ،  نەچچە  مىڭ ئاممىغا ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
سەۋېل مۇنداق دېدى:« مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەن، ئۇ ئايروپىلان ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەمەس، بەلكى  بىر « ئۇچار تەخسە». ئەتراپىدە يەنە  يورۇق نۇقتىلار ئۇنى ئايلىنىپ تۇرىدىكەن. ئاستىدا يەنە غايەت زور  تاختا چىراق بار ئىكەن.  ئۇ بىر خىل ئاق رەڭلىك نۇر تارقىتىپ تۇرىدىكەن. بۇ  ئۇچار تەخسە  بىر رايوندا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلدى».
 سەۋىل ئۇنىڭغا ئىككى ئۈچ مىنۇت قاراپ تۇرغان، ئالدىدىكى يۈك ماشىنا شوپۇرىمۇ ئۇنى كۆرگەن. ئۇچار تەخسە مۇتەخەسسىسى  تىموسى.گۇدنىڭ دېيىشىچە، سەۋىلنىڭ كۆرگىنى  ئادەتتە كۆرگىلى  بولىدىغان ئايروپىلان ئەمەس، ئۇنى بەلكىم تاشقى پىلانت ئادەملىرى ياسىغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى  ئىنسانلار ياسىغان بولىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى ھازىر ئامېرىكا ، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخپىي  ئۇچار جىسىملىرى ۋە ئالەم كىمىسى بار. ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تېخنىكىسىدا  ئىنسانلارمۇ باشقا پىلانتلارغا چىقالايدۇ».
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش