رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 571 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەدە ھاراقخورلۇق ۋە ئۆلۈۋىلىش ئەۋج ئېلىۋىتىپتۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:  « بۈگۈنكى ياپونىيە» نىڭ 8- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3- ئاينىڭ 11 - كۈنى ياپونىيەدە يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بېرىپ، يادرو  كىرزىسى قوزغالغاندىن كېيىن، ياپونىيەدە  يېمەكلىك كىرزىسى  تېخىمۇ ئېرلاشماقتا.
 بۇ ياپونىيەدىكى ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ياشاش شارائىتىغا  نىسبەتەن ۋەيران قىلىش خاراكتىرلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئىستاستىكىغا قارىغاندا،  ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ  ھاراق ئېچىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش  نىسبىتى كۈندىن كۈنىگە  ئۆسمەكتە.
 خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى  300 دىن ئارتۇق  دېھقان  توكيو ئېلېكتر كۈچى شىركىتى توكيۇ باش  شىتابى سىرتىدا قارشىلىق يىغىلىشىغا قاتناشتى. فۇكۇشىمادىن كەلگەن گۈرۈچ ۋە  سەي تېرىغۇچى دېھقان توشىھىدى.كامادا مۇنداق دېدى:« ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان فۇكۇشىما ناھىيىسىدىكى خەلق بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. بىز ھازىر روھىي جەھەتتىكى غايەت زور ئازاپقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز قاچان يۇرتىمىزنى قاچان قۇرۇپ چىقىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز. بىزنىڭمۇ بېرىپ ئىشلىگۈمىز بار، بىراق خىزمەت تاپالمىدۇق».
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىلىقى فۇكۇشىمانىڭ دېھقانچىلىقى يىللارنىڭ  20% گىمۇ يەتمەيدىكەن. روھسىزلىق ۋە ئەنسىزلىك داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدىكەن. تېخىمۇ كۆپلىگەن دېھقان ھاراق ئارقىلىق ئۆزىنى مەست قىلىپ يۈرۈۋاتىدىكەن. ياپونىيە يادرو كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، 61 ياشلىق مىتسۇيو. تۇرۇكاۋا نىڭ ئىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.  ئۇ ئۇ مۇنداق دەپ مۇراجەت قىلدى:« بىزنىڭ تۇپرىقىمىزنى تازىلاپ بېرىڭلار، تۇپراق دېھقانلارنىڭ بارلىقى، تۇپراق بولمىسا، بىز ھىچنىمە قىلالمايمىز».

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش