رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 528 قېتىم كۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭىغا باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

بلوم ئاگېنتلىقىنىڭ 30 – دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كاچافقا 30 – دېكابىر باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ: بۇ، ‹‹يەھۇدىيلار دۆلىتى ئۈچۈن قايغۇلۇق كۈن››، دېگەن.
   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كاچاف زۇڭتۇڭلۇق ۋە ساياھەت مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا ئايال خىزمەتچىسىگە باسقۇنچىلىق قىلغان، دەپ شىكايەت قىلىنغان. لېكىن، كاچاف بۇنداق ئىش يوق، ئەيىبلىگۈچىلەر جامائەت ئىچىدىكى ئوبرازىمغا قەستەن داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ، دەپ چىڭ تۇرغان. لېكىن، سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا كاچاف ئىككى قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان، دەپ كېسىم چىقارغان. ئىسرائىلىيەدە باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە ئەڭ يېنىك بولغاندا تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. لېكىن، كاچاف نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدىكەن.
   كاچاف 2007 – يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، قول ئاستىدىكى نۇرغۇن ئايال خىزمەتچىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلدى، دەپ شىكايەت قىلىشى سەۋەبىدىن يۈزى تۆكۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ باش تەپتىش مازۇز بىلەن جىنايىتىنى تونۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، جىنسىي پاراكەندىچىلىك قاتارلىق يېنىكرەك شىكايەتلەرنى ئېتىراپ قىلغان، تەپتىشلەر باسقۇنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا باشقا ئېغىرراق شىكايەتلەرنى بىكار قىلغان. لېكىن، 2008 – يىلى كاچاف جىنايىتىنى تونۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلغان ھەم پاك ئىكەنلىكىمنى قوغدايمەن، دەپ چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، كاچاف ئىسرائىلىيە تارىخىدا سوتلانغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولۇپ قالغان
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش