كىچىك بالىلارنىڭ بېلىق مېيىغا بولغان كۈندىلىك ئېھتىياجى قانچىلىك؟
ۋاقتى: 2015-07-26
ئاۋاتلىقى: 740 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىچىك بالىلارنىڭ بېلىق مېيىغا بولغان كۈندىلىك ئېھتىياجى قانچىلىك؟
بېلىق مېيىدا ئاساسلىقى ۋىتامىن Aۋە ۋىتامىن Dبار بولۇپ، بىراق بالىلاردىكى ۋىتامىن Aۋە Dنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبەسى ئەمەس. بوۋاقلار ھەر كۈنى 1000 خەلقئارا بىرلىك ۋىتامىن Aغا، 400 خەلقئارا بىرلىك ۋىتامىن Dغا ئېھتىياجلىق. قويۇق بېلىق بېيى ياسالمىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئائىلە باشلىقى ۋە دوختۇرلار چۈشەندۈرۈلۈشىگە تەپسىلىي قاراش كېرەك، ۋىتامىن Aبىلەن ۋىتامىن Dنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن ئادەتتە 2:1 تىپلىق، 3:1 تىپلىق ۋە 10:1 تىپلىق دەپمۇ ئايرىلىدۇ. 2:1 تىپلىق قويۇق بېلىق مېيىدا 10000 بىرلىك ۋىتامىن A، 5000 بىرلىك ۋىتامىن Dبار ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بۇ خىل بېلىق مېيىنى تاللاپ كۈندە 3 تېمىم بالىغا بېرىش كېرەك، 3:1 تىپلىق قويۇق بېلىق مېيىدا 1800 بىرلىك ۋىتامىن A، 600 بىرلىك ۋىتامىن Dبار بولۇپ، ئادەتتە ھەر ئىككى كۈندە بالىغا بىر تال بېرىش كېرەك، 10:1 تىپلىق قويۇق بېلىق مېيىدا 10000 بىرلىك ۋىتامىن A، 1000 بىرلىك ۋىتامىن Dبار بولۇپ، بۇ خىل تىپتا بالىدا ۋىتامىن Aۋە Dنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
ئائىلە باشلىقلىرى دىققەت، بالىنى ھەرخىل تەييارلانغان سۈت تالقىنى ھەمدە كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەر بىلەن باققاندا، ۋىتامىن Aۋە Dنىڭ مىقدارىنى ياخشى ئىگەللەش، مىقدارىنى خاتا ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.