تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھامىلىدار ئانىنىڭ بارلىق ھامىلىدارلىق ئالامىتى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. ئالدى بىلەن كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرى بولمايدۇ، ئەمچەكنىڭ كۆپكەندەك بولغان تۇيغۇسىمۇ ئەگىشىپ ئاجىزلىشىدۇ. ئاندىن جىنسىي يولدىن قان كېلىدۇ، كۆپىنچە تۇتۇق قىزىل رەڭلىك قان ئارىلاش ئاق خۇن بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەنكى قورساقنىڭ ئاغرىشى پەيدا بولۇپ، تۆرەلمىنى چىقىرىپ تاشلىشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر ئازمۇ ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي، بىۋاسىتىلا قورساق ئاغرىپ، ئاندىن بويىدىن ئاجرايدۇ، ياكى تۆرەلمە ئۆسۈشتىن توختىغاندىن كېيىن ئالامەت كۆرۈلمەي ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە بايقايدۇ.