چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق
ۋاقتى: 2016-05-25
ئاۋاتلىقى: 560 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى بالىلارنىڭ مەكتەپتە چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشى ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل سۇسان خالىم: «چالغۇ چېلىش ئادەمنىڭ سول مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، چالغۇ چېلىشنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئادەتتە، ئۇچۇرلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى 15 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىچىك مۇزىكا ئەترىتىدە چالغۇ چېلىش بالىلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇشىغا پايدىلىق.» دېگەن.
خالىمنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ نۇرغۇن بالىنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا 330 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سېلىپ، بالىلارنىڭ چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بەرگەن. ھازىر ئەنگلىيە مەكتەپلىرىدە 1 مىليون ئۆسمۈر چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ.
ئەنگلىيە بالىلار، مەكتەپ ۋە ئائىلە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئەيدى بارس: مۇزىكا ئەنگلىيە مودا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى، بالىلار قىزىقىدىغان مۇھاكىمە تېمىسى. بىز مۇزىكىنىڭ مەكتەپ تۇرمۇشىدا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.