ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ۋاقتى: 2016-02-28
ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى تاساددىپىي كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئايال يۇيۇنغاندا ئەر ئۇنىڭغا ياردەملەشسە بولىدۇ. ئۇ يەنە ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايالىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ قويۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئىششىقى ۋە ئاغرىقىنى يېنىكلىتىپ، راھەت ئۇخلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلە ۋە ئايالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئايال ئۆزى ماشىنا ھەيدىمەسلىكى كېرەك، ئابتوبۇس ياكى مىترو بىلەن خىزمەتكە بارسا، قىستاڭچىلىقتا بەزى خەتەرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ، بۇ مەزگىلدە دادا بولغۇچى ياخشى قوغدىغۇچى بولۇشى كېرەك، ھەر كۈنى ئايالىنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىشى كېرەك، ئەگەر ماشىنىدا ئاپىرىپ ئەكىلىش شارائىتى بولمىسا، ئازراق پۇلنى ئارتۇق خەجلىسىمۇ ئۇنى تاكسىغا سېلىپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭدا بىرقەدەر بىخەتەر بولىدۇ.