ھامىلىدارلىقنىڭ 33 ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 33 ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ھامىلىدار ئاياللار داس بوشلۇقى ۋە دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى قېتىشىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى، كىچىك تەرەتكە بېرىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ھامىلىنىڭ ئورنى بارا-بارا تۆۋەنلەپ داس بوشلۇقىغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلىدار ئاياللار قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ ئىششىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بېلىنىڭ ئاغرىقى ئېغىرلىشىدۇ، بوغۇم ۋە پەيلەر بوشايدۇ، پولتىيىپ چىققان قورسىقىڭىز سىزنى ھورۇن ۋە ئاسان چارچايدىغان قىلىپ قويىدۇ، بىراق سىز ئىمكانقەدەر مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىڭىز لازىم. بالىياتقۇنىڭ قانۇنىيەتسىز قىسىلىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، قورساق پات-پات تۇيۇقسىزلا تارتىشىپ قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، سىرتقى جىنسىي ئەزا ئىششىپ يۇمشاق بولۇپ قالىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاشقازان ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلىدار ئاياللاردا يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش، ئاشقازان كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىلەمسىز؟ ھازىر يالغۇز قورسىقىڭىزدىكى ھامىلە تۇغۇلۇشقا تەييارلىق كۆرۈپلا قالماستىن بەلكى بەدىنىڭىزمۇ تۇغۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن: پۈتۈن بوغۇم ۋە مۇسكۇللىرىڭىز بوشىشىۋاتىدۇ، بالىياتقۇڭىزنىڭ قانۇنىيەتسىز قىسىلىش قېتىم سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. جىسمانى ۋە روھى بېسىمسىز بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، داۋاملاپ بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى غەلىبە!