ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلار زۇكامداپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

بوۋاقلار زۇكامداپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2014-04-05 ئاۋاتلىقى: 495 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلار زۇكامداپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك


دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش
يېتەرلىك دەم ئېلىش ۋە كۈتۈنۈش ،كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقالغاندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەت قىلىش ،كېسەللىك يىلتىزىنىڭ يەنە كېسەل قوزغىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .
مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا سۇيۇق،يۇمشاق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ،ئاچ-توق قويماسلىق كېرەك .بىرقىسىم مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچىپ ،ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك .كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ،ھەزىم ئىقتىدارى ياخشىلانسا ،ئاستا-ئاستا ئوزۇقلۇنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە ،بارا-بارا نۇرماللاشتۇرسا بولىدۇ .
فىزىكىلىق تېمپىرتۇرا تۆۋەنلىتىش
قىززىپ قالسا ئالدى بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلنىپ قىزىتما تۆۋەنلىتىش، تەسىر قىلمىسا ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈرۈش كېرەك .فىزىكىلىق قىززىتما قايتۇرۇش ئۇسۇللىرى:قىسمەن دائىرلىك قىزىتما ياندۇرۇش، ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش ياكى ئىلمان سۇ بىلەن بەدەننى سۈرتۈش ،سوغۇق تۇز سۈيى بىلەن كىلىزما قىلىش قاتارلىقلار .ئىلمان سۇدا يۇيۇنغان ياكى بەدەننى سۈرتكەننىڭ ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ ،كەمچىلىكى قىشلىقى بۇنى قىلىش قولايسىزراق . قىسمەن دائىملىق قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئائىلىدە ئىشلىتىشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ .قىسمەن دائىرلىك قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن بېشىغا سوغۇق لۆڭگە قويۇش ياكى مۇز قويۇش ئۇسۇللىرى بار ،قان تومۇرلار چوڭراق ئورۇنلار ،يەنى ئومۇرتقا ،قولتۇق ئاستى، قورساق قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇز خالتا قويغاندا قىزىتمىنى تېز ياندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇز خالتا ،سوغۇق لۆڭگە قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك .
ئۈنۈملۈك تەرلەش
كۆپرەك سۇ ئىچكەندە ،تەرنى كۆپەيتىپ ،ئايلىنىشنى تېزلەشتۈرىدۇ ،زەھەرنى ھەيدەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەن تېمپىراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
مۇۋاپىق مۇھىت
ھۇجرىنىڭ تېنچلىقىنى ساقلاش ،بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .مۇۋاپىق ھالدا پەس ئاۋاز بىلەن ھېكايە ئېيتىش ياكى مۇزىكا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بوۋاق كەيپىياتىنى ئازادە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .ھۇجرىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق،تەرلەپ تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىشىگە ياردەم قىلىش كېرەك .بىراق شامالنىڭ ئۇدۇل ئاغرىپ قالغان بوۋاققا ئۇرۇلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .بوۋاققا ئازادە كىيىم كىيگۈزۈپ تەر ۋە ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك .سەل ۋاقىتتىن كېيىن قېلىن كىيدۈرۈش ،يوتقان يېپىپ قويۇش كېرەك ،بولمىغاندا بەك قىزىپ تارتىشىپ قالىدۇ .دورا يېگەندىن كېيىن دەرھال تەر كېيىمنى ئالماشتۇرۋېتىش كېرەك .
ھەرۋاقىت كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇش
قىزىغان بوۋاققا دىققەت قىلىپ تۇرۇش،تاتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .قىزىپ چۆچۈيدىغان بوۋاقلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا «لۇمىنا»دېگەن دورىنى بەرسە بولىدۇ .ئەگەر بوۋاقلاردا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ياكى تېرىسىدە تەمرەتكە كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى