دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا تېگىشلىك يارىلىنىش ئەھۋاللىرى
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن 10 مىنۇتقىچە قاننى توختاتقىلى بولمىسا ياكى ئارتېرىيە خاراكتېرلىك قاناش-بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يېڭىدىن قاناش ئورۇنلىرى كۆرۈلسە، ئارتېرىيە تومۇرنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ يارىسىنى تىكتۈرۈش كېرەك.
سانجىلىپ يارىلىنىش(扎伤):
سانجىلىپ يارىلانغان يارىنىڭ ئېغىزى كىچىك بولغاچقا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل يارىلىنىشتا يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ كۆرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇچلۇق نەرسە بەدەننى تېشىپ كىرگەن چاغدا باكتېرىيە ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى بەدەنگە ئېلىپ كىرىدۇ، كېيىن بۇ نەرسىلەر بەدەندە پۇرسەت بولسىلا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ. ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە پاكىز سۇ بىلەن يارىلانغان ئورۇننى يۇيۇش كېرەك، ئېغىزى ئوچۇق قالغان بوتۇلكىدىكى سۇلارنى، كۈن نۇرىغا قاقلانغان سۇلارنى يۇيۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق سۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا باكتېرىيە بولىدۇ، شۇڭا ياللۇغلىنىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. سانجىلىپ يارىلانغان ئورۇننى بىرتەرەپ قىلغاندا داكا ياكى ئانتىبئىوتىك دورىلارنى، باكتېرىيەگە قارشى مەلھەملەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى يارا ئېغىزى كىچىك ۋە چوڭقۇر بولغاچقا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. يارىلىنىپ دەسلەپكى ئىككى كۈن ئىچىدە يارا ئېغىزىنى تەكشۈرتۈپ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقنى ئېنىقلاش لازىم.