يانفوندا كۆرۈش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى كۈندە بىر قېتىم، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 26~28 سىلىتسىي گىرادۇسقىچە، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى 38~50 گىرادۇسقىچە قىلىش لازىم، بوۋاقلارنىڭ مەخسۇس يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش، قولتۇق ئاستى، بويۇن قىسمى، چات ئېرىقچىسى قاتارلىق تېرە غۇژمەكلەشكەن ئورۇنلارنى پاكىز يۇيۇش لازىم، ھەمدە ھەر قېتىملىق چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن كاسسا قىسمىنى ھەمدە چاتراق قىسمىنى يۇيۇپ، بوۋاقنىڭ پاكىز، راھەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھەر قېتىم ئېمىتىشتىن بىر ئىككى سائەت بۇرۇن يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق سۈتنى قۇسۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.