بوۋاقلاردىكى تولغاقنىڭ ئالامەتلىرى
ۋاقتى: 2015-11-20
ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار تولغاق بولۇپ قالغاندا، بەدەن تېمپىراتۇرسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، بوۋاقلاردا روھسىزلىق، كۆپ ئۇخلاش، تىت-تىت بولۇش، ھەتتا چۆچۈش، چوڭ تەرەت قىلىشتىن بۇرۇن قورسىقىنىڭ ئاغرىپ كېتىشى سەۋەبلىك يىغلاپ توختىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تولغاقنىڭ ئالامەتلىرى ئادەتتە تىپىك بولمايدۇ، ئىپادىسى ئۈچەي ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق تىپىدىكى چوڭ تەرەت، چوڭ تەرەت قىلغاندا كۈچەش ياكى يۈز قىسىم قىزىرىپ كېتىش قاتارلىقلار تولغاقنىڭ بىشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.