چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(3)
يانفوندا كۆرۈش
روھى كېسەللىكلەر
ئانا ئېغىر روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندا، مەسىلەن تۇتقاقلىق. ئانا ئۇزۇن ۋاقىت تۇتقاقلىققا قارشى دورا ئستېمال قىلغاچقا ، بالىغا مەلۇم تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن بالىنىڭ شوراش كۈچى ئاجىز بولۇش، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇش، كۆپ مۈگىدەش، قۇسۇش قاتارلىق. تۇتقاقلىق قوزغالغان ۋاقىتتا يەنە بالىغا زەخمە يەتكۈزۈپ ، ئۇشتۇمتۇت ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە بولمايدۇ.
يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسلى
ئانا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشى ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بالا ئېمىتىشكە بولمايدۇ.
باشقا سەۋەبلەر
ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك ياكى ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. ئانا خىزمەت، چەتئەلگە چىقىش ياكى كاماندىروپكىغا چىقىش تۈپەيلىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرۇشقا توغرا كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تەرەپتىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن
ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانا سۈتى خاراكتېرلىك ئۇدا سېرىقلىق پەيدا بولۇش (تېرىسى ساغىرىش)، ھەمدە دوختۇر دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق باشقا سەۋەبلەرنى چىقىرىپ تاشلىغان ئەھۋال ئاستىدا ئانا سۈتىنى ئازايتىپ مەلۇم مىقداردا تەييارلانغان سۈتنى قوشۇپ بېرىش، سېرىقلىق يوقىغاندىن كېيىن ئانا سۈتى ئېمىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى20 mg/dlدىن ئېشىپ كەتكەندە ئانا سۈتى ئېمىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك.
مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا مېتابولىزىم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، گالاكتوزىلىق قان كېسەللىكى ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكى بولغاندا ئانا سۈتى ئېمىتىش كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
تۇغما كەمتۈكلۈك
تۇغما توشقان كالپۇك تۈپەيلىدىن ئانا سۈتىنى شوراش قىيىن بولغان ئەھۋالدا ئانا سۈتى ئېمىتىشكە قولايسىز.