ئىسىل ئىچىملىك-پەمىدۇر شىرنىسى
ۋاقتى: 2016-06-05
ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: بەش ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بىر تال پەمىدۇر
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. پىشقان پەمىدۇرنى قايناقسۇغا بىرلا بېسىپ، دەرھال چىقىرىۋالىمىز.
2. پەمىدۇرنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئېتىنى چىقىرىۋالىمىز.
3. پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرايمىز.
ئۇششاق توغرالغان پەمىدۇرنى پاكىز داكىغا ئوراپ، سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.