چوقۇم سۈنئىي سۈت ئېمىتىش زۆرۈر بولىدىغان ئەھۋاللار(1)
يانفوندا كۆرۈش
ئانا سۈتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ناھايتى كۆپ ، بىراق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانا سۈتىنى ئېمىتىشكە ئامال بولمىغاندا، يېڭى ئانا بولغانلار چوقۇم سۈنئي ئۇسۇلدا ئېمىتىشنى تاللىشى كېرەك. ئەگەردە ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ئەھۋال بولسا بىرلەشتۈرۈپ ئېمىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولسا قانداق ئەھۋاللاردا چوقۇم سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېمىتىش كېرەك.
ئانا تەرەپتىكى سەۋەب
ئەمچەك توپچىسى كېسەللىكلىرى
ئانا ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كېتىش ياكى سۈت بىزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ۋاقتىنچە ئانا سۈتى ئېمىتىشنى توختىتىپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما چوقۇم ئانا سۈتىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىش، داۋالاپ ساقايغاندىنكېيىن ئاندىن بالىنى ئېمىتىشكە بولىدۇ. ئەگەرئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەتچان قاپارتما ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان چاغدا ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك.