تاۋۇز شەربىتى ۋە ئۇنى تەييارلاش
ۋاقتى: 2016-02-29
ئاۋاتلىقى: 771 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: تاۋۇزنىڭ ئېتىدىن 100 گرام، شېكەردىن بەش گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. تاۋۇز ئېتىنى قاچىغا سېلىپ، قوشۇق بىلەن ئېزىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن دېزىنفېكسىيىلەنگەن داكا بىلەن شىرنىسىنى سۈزىمىز.
2. شىرنىگە ئاق شېكەر سېلىپ، ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: تاۋۇز شەربىتىدە مول بولغان ۋېتامىن C، گلۇكوزا بولۇپ، ۋېتامىن B1نىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا كۆپ خىل ئامىنۇ كىسلاتاسى، فوسفات كىسلاتاسى، فوسفور ۋە تۆمۈر بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ. تاۋۇزنىڭ بەك توڭ ياكى بەك پىشىپ كەتكەننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، تاۋۇز شەربىتىنى بەك مۇزلىتىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىنى زەخىملەندۈرىدۇ.