توغرا بولغان ئېمىتىش قىياپىتى قانداق بولىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئېمىتكەندە ئولتۇرۇپ ئېمىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئادەتتە پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللار بوشۇشۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئولتۇرغاندا راھەت ھېس قىلىدۇ، بەلنىڭ كەينى، جەينەك تۈۋىنى، قوينىغا ياستۇقنى ياخشى قىستۇرۇش لازىم. پۇتىغا ئورۇندۇق قويۇۋېلىپ تىزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئەگەر كارىۋاتتا ئولتۇرغان بولسا تىزىنىڭ ئاستىغا ياستۇق قىستۇرۇش كېرەك.
بوۋاقنى قوينىدا توغرىسىدا ياتقۇزۇپ بەدىنىنى ئانىغا چاپلاپ تۇرۇش كېرەك، باش ۋە ئىككى مۈرە ئەمچەككە يۈزلىنىش، ئەمچەك توپچىسى بىلەن بوۋاقنىڭ ئېغىزى پاراللېل «بىر تەكشىلىكتە› بولۇشى كېرەك. ئانا يەنە بىر قولىدا ئەمچىكىنى تۇتۇش، باش بارمىقى يۇقىرىدا، 4 بارمىقى تۆۋەندە تۇرۇپ C شەكلىنى چىقىرىش. بۇ چاغدا بارماقلارنىڭ ئەمچەك دىغى بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بولمىسا بوۋىقىنىڭ بۇرنىنى توسۇۋېلىپ نەپەسلىنىشىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ.
بالىياتقۇنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق كۆزى يورىغانلار ۋە تېنى ئاجىز ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن يېتىپ ئېمىتسە بولىدۇ، تۇغۇتتىن كېيىن كارىۋاتتا يانچە يېتىپ، تىزىنى سەل ئىگىپ، باش قىسمى، پۇتنىڭ تۆۋەن تەرىپى ھەم دۈمبە تەرىپىگە يۇمشاق ياستۇق بىلەن تىرەپ تۇرسا بولىدۇ، ئاندىن تۆۋەن تەرەپتىكى قولنى بوۋىقىنىڭ بىشىنىڭ ئاستىغا قويۇش ھەمدە دۈمبە تەرىپىنى تىرەپ تۇرۇش كېرەك. ئالدى بىلەن بىر تەرەپنى ئېمىتىپ بولۇپ ئۆرۈلۈپ ئاندىن يەنە بىر تەرەپنى ئېمىتىش كېرەك.