قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قانداق؟
يانفوندا كۆرۈش
يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ مەقسىتى ياغ، ئاقسىل، مىنېرال ماددىلار، ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەڭشەش ئارقىلىق داۋالاش مەقسىتىگە يېتىش. ياغنىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارى ئاشقاندا قوغۇشۇننىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارىمۇ ئاشىدۇ. ئاقسىل بولسا قوغۇشۇن بىلەن بىرىكىپ، توقۇلمىلاردىكى قوغۇشۇن بىلەن بىرىكىپ، توقۇلمىلاردىن قوغۇشۇننى ئاجرىتىۋېلىش رولى ئارقىلىق قوغۇشۇننىڭ زەھىرىنى ئازايتىدۇ. ۋىتامىن C، E، B قاتارلىقلار قوغۇشۇننىڭ ئوكسىدلاپ زەخمىلەندۈرۈشگە قارشى تۇرالايدۇ. ۋىتامىن ۋە مېۋە يېلىمى ئۈچەيدە قوغۇشۇن بىلەن بىرىكىپ، قوغۇشۇننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسىدۇ. سىنىك تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئۈچەيدىكى سۈمۈرۈلۈش جەريانىدا ۋە سۈمۈرۈلۈپ بولغاندىن كىيىشىمۇ قوغۇشۇن بىلەن ئاۋېرسىيە ۋە ئۆز ئارا چەكلەش ئارقىلىق قوغۇشۇننىڭ سۈمۈرۈلۈش ۋە زەھەرلەش رولىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
شۇڭلاشقا، قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەن بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ئالدى بىلەن غىزالىنىشنى تەڭشەش لازىم. سېمىز گۆش، مايدا قورۇلغان ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن يېيىش، ئاقسىل مىقدارى يۇقتى بولغان يېمەكلىكلەر(مەسىلەن، سۈت، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بېلىق، ئورۇق گۆش، كالا گۆشى)، يېڭى سەي كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر (ياڭاق، خۇاسىڭ، خۇشاللىق مېۋىسى) ھەمدە مور قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش لازىم. مېۋە-چىۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، پوستىنى ئاقلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى كۆپ قىسىم دېھقانچلىق دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپرەك سۇ ئىچىش بېرىش ئارقىلىق قوغۇشۇننىڭ بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.