بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ تۇيغۇسى ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە يېتىلىش كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2015-05-31
ئاۋاتلىقى: 580 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاق تۇغۇلىشىدىنلا سىرتقى مۇھىت بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ بىر-بىرىگە قارىشى بولسا ئالاقىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ، ئانا گەپ قىلغاندا ئېمىتىۋاتقان بوۋاق ئېمىشنى توختىتىپ ياكى ئېمىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، باشقىلار گەپ قىلغاندا بولسا كارى بولمايدۇ، بوۋاق يىغلىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ (باغرىغا بېسىپ) يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلسا، كۆيۈمچانلىق نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىسا بوۋاق يىغىدىن توختايدۇ، يەنە تېخى ئاتا-ئانىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئۇلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئامراق قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئانا-بالىلار تورى ئەسكەرتمىسى:
بوۋاق مىجەزىنىڭ شوخ تىپتىكى جىمىغۇر تىپتىكى ياكى ئادەتتىكىدەك ئىكەنلىكىنى بەلگىلەشتە بوۋاققا نىسبەتەن تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئانا سۈتى بولسا بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى، چۈنكى ئانا سۈتى بولسا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، بوۋاق ئېھتىياجلىق بولغان نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانىنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق. بالىياتقۇنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىدىكى چوڭ كىچىكلىكى ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم دەلىل ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بالا ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى ياكى سۆڭەك شالاڭلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىكى ئانا سۈتى بىلەن باققاندا يەنە ئانا بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىش پىرىنسىپىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇرۇنراق ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش كېرەك. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.