يانفوندا كۆرۈش
«ئايال ئەمگەكچىلەرنى قوغداش بەلگىلىمىسى»نىڭ 7-ماددىسىدا: «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، تۇرۇشلۇق ئورگان ھامىلىدار ئاياللارنى دۆلەت بەلگىلىگەن 3-دەرىجىلىك جىسمانىي ئەمگەك ۋە ھامىلىدار ئاياللار قىلىش چەكلەنگەن ئەمگەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. نورمال ئەمگەك ۋاقتىدىن سىرت ئەمگەك ۋاقتىنى ئۇزارتماسلىق. ئەسلىدىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلارغا، داۋالاش تارماقلىرىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن، خىزمىتىنى يېنىكلىتىپ بېرىش ياكى باشقا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش. ھامىلىدار بولۇپ 7 ئايدىن ئاشقان (7 ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئايال خىزمەتچىلەرنى كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرماسلىق. خىزمەت ۋاقتىدا مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.