يانفوندا كۆرۈش
توك سوقۇۋېتىش، سوقۇلۇپ يارىلىنىش، يىقىلىپ كېتىش، مېڭە سىلكىنىپ كېتىش، ئوت ئاپىتىدە بۇس ئېلىپ كېتىش، سۇغا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەيلى قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان تۇنجۇقۇپ قېلىش بولسۇن ئالدى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. كىچىك بالىلاردىكى تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا نەپەسنىڭ توختاپ قېلىشى، ھوشىدىن كېتىش، يۈزى تاتىرىپ كېتىش قاتارلىقلار، بىراق يۈرەك سوقۇش يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. قۇلاقنى بالىنىڭ بۇرنىنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكىلىپ بالىنىڭ نەپىسىنى تىڭشاش، ئەگەر نەپەسلىنىش ئاۋازى يوق بولسا دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن بىرگە بالىنىڭ كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ياكى كۆتۈرۈلمەيۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر بالىنىڭ كۆكرىكىدە كۆتۈرۈلۈش بولمىغاندا بالىنىڭ ئاستىنقى ئېڭىكىنى تارتىش، بېشىنى ئارقىغا تارتىپ رۇسلاپ نەپەس يولىنىڭ راۋانلاشتۇرۇش، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ بالىنىڭ كۆكرىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىتىش، بۇ ھەرىكەتلەرنى تاكى بالا ئۆزى نەپەس ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە تېزدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك.