بوۋاقنى ئېمىتىش ھالىتى
يانفوندا كۆرۈش
ئازادە ئېمىتىش ھالىتىنى تاللاش
يۆلەنچۈكى بار ئورۇندۇقنى تاللاپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كېيىن پۇتىنى يەرگە تۈز قويۇپ، ئاندىن كېيىن بوۋاقنىڭ بېشىنى ئانىنىڭ بىلىكىنىڭ ئىگىلگەن جايىغا قويۇش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورۇندۇق ۋە باشقا جايلاردا بەل قىسمىغا بىر ياستۇق قويىۋالسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئانا كارىۋاتتا يانچە يېتىپ بوۋاقنى ئېمىتسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئانا ۋە بوۋاق راھەت ھېس قىلسىلا بولىدۇ .
ئېمىزگىگە كالا سۈتىنى توشقۇزۇش
بوۋاققا سۈت ئېمىتكەندە، سۈت بوتۇلكىسى مەلۇم دەرىجىدە يانتۇ ھالەتتە بولۇشى كېرەك، پۈتۈنلەي تەكشى قويۇشقا بولمايدۇ، كالا سۈتى ئېمىزگىگە توشۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بوۋاق سۈت ئەمگەن ۋاقىتتاھاۋانى سۈمۈرۈۋېلىپ، سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بوۋاق سۈت ئەمگەن ۋاقىتتا سۈتنى سۈمۈرۈش سۈرئىتىگە دىققەت قىلىش، زىيادە تېز بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر تېز بولۇپ كەتسە بوۋاق قېقىلىپ كېتىدۇ. سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بوۋاقنى تىك قىلىپ، ئانىنىڭ مۈرىسىگە يۆلەندۈرۈپ قۇچاقلاپ ئېلىش، كېكىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇش، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ سۈت ياندۇرىشنىڭئالدىنى ئالغىلى ۋە ئازايتقىلى بولىدۇ.