ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى 900 گرامغىمۇ يەتمەيدۇ، بېشىدىن پۇتىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 35.6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى بالا تۇغۇلغىچە، ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ياغلارنىڭ يىغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئارتىدۇ. ھامىلە بەدىنىدىكى ياغلارغا تايىنىپ بالىياتقۇدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىنىڭ تېنىدىكى ياغلار يېڭى تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈنگىچە بوۋاقنى ئېنېرگىيە ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا بەدەن ئېغىرلىقى %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئانا سۈتىدە ئېمىتىلگەن بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بوۋاقنىڭ قۇلىقىنىڭ نېرۋا يولى ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىدا بىردەكلىك بولۇشقا باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىمۇ يېتىلىۋاتقان بولۇپ، ھامىلە باش سۈيى ئىچىدە كىچىك-كىچىك نەپەس ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم نەپەسلىنىش ئۈچۈن بىر مەشىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلە ئوغۇل بولسا، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىگە يۆتكىلىپ بولىدۇ، بۇ جەريانغا تەخمىنەن 2~3 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
قايسى ۋاقىتتا بالىلارغا ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بىرىش كېرەك؟