ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2013-04-19 ئاۋاتلىقى: 740 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدە تېنىڭىزدە ھورمۇننىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئاسان كۆڭلىڭىز ئېلىشىدىغان بولۇپ، ئەتىگەندىلا ئەمەس، پۈتۈن بىر كۈن بىئارام بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىڭىز داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە قەتئىي چۈشمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداق بولغاچقىمۇ سىز دائىملا چارچىغاندەك ھېس قىلىسىز. كۆكسىڭىز داۋاملىق چوڭلاپ ئازراق يۇمشاپ قېلىشى، توپچىسى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ، قولىڭىز تېگىپ كەتسە ئاغرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاشقازان كۆيۈپ ئېچىشىش ئەھۋالىمۇ مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ كۆرۈلىدۇ. سىز بەلكىم دائىملا ئاشقازىنىڭىزنىڭ بىئارامسىزلىنىۋاتقىنىنى، قىززىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، مۇبادا ئەھۋال ئېغىر بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە دورا ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. بىراق ھەرگىز قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلماڭ!!!
كەيپىيات جەھەتتىن بەلكىم سىز تۇرۇپلا شۇنداق خۇش بولۇپ كەتسىڭىز، تۇرۇپلا ئاچچىقىڭىز غۇژژىدىلا تۇتۇشى مۇمكىن، بۇ ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەيزدىن ئىلگىرىكى ئۇنىۋېرسال ئالامەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھېچقىسى يوق، بۇ ئىشلارغا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ كەيپىياتىڭىزنى بۇزماڭ،  سىزلا ئەمەس ھەر قانداق بىر ھامىلىدار ئايالدا بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى پۈتۈنلەي نورمال. ئۆزىڭىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل «يېڭى قىلىق»لىرىڭىزغا ھەرگىز خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ يۈرمەڭ، ئاتايىن كەيپىياتىمنى تەڭشەيمەن دەپ ئاۋارە بولۇپمۇ كەتمەڭ، شۇ تاپ سىز پۈتۈن ئائىلىڭىزدە، يولدىشىڭىز ئالدىدا ئەڭ گۈزەل ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالسىز، ئۇلارغا نىسبەتەن سىزنىڭ ھەر قانداق خوشاللىق ۋە خاپىلىقىڭىزمۇ شۇنچە سۆيۈملۈكتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى