ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ھامىلە ھەرىكىتىگە ئالاقىدار بىلىملەر
ۋاقتى: 2016-01-07
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندىكى ھامىلە ھەرىكىتىگە ئالاقىدار بىلىملەر
ھامىلدار بولۇپ 8 ئاي بولغاندا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا چىقىدۇ. ھامىلىنىڭ چوڭىيىشى ۋە كۈچلۈكلىشى سەۋەبىدىن، سىز ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھەرىكەت شەكلىنىڭمۇ كۆپخىللىشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ھامىلدار ئايال ھامىلىنىڭ تېپىۋاتقانلىقى، ئۆرۈلگەنلىكىدەك ھەرىكەتلىرىنى سېزەلەيدۇ، ھەتتا قورساق تېرىسىگە ئۇرۇلغان كىچىك قول ۋە پۇتلارنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئورنى ئېگىزلەپ، ئاشقازانغا يېقىنلاپ قالىدۇ.
خۇلاسە: ھامىلدار بولۇپ 8 ئايلىق بولغاندا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يىتىدۇ، قورساق تېرىسىگە ئۇرۇلغان قول-پۇتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.