بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(7)
يانفوندا كۆرۈش
12. ۋېتامىن D
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: باش سۆڭىكى يۇمشاپ كېتىدۇ، بوغۇملىرى ئىششىپ قالىدۇ، سۆڭەكلىرى چۈۈرۈكلىشىپ، ئاجىزلاپ كېتىدۇ، توخۇ كۆكرەك، خامۇت ئاياغ قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كىتا بېلىقى، قىزىل كومجا بېلىقى، تېرىسكا بېلىقى جىگەر مېيى، كامبالا بېلىقى جىگەر مېيى، قايماق، تۇخۇم، توخۇ-ئۆردەك جىگىرى قاتارلىق ھايۋاناتلار جىگىرى، شۇنداقلا كالا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.
13. ۋېتامىن E
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتكەن ياكى تۇغۇلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى بەك يېنىك بولغان بوۋاقلاردا كەم قانلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ئارپا ئۈندۈرمىسى مېيى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، بۇغداي، سۆك، سەرەبىل، ئۆرۈك مېغىزى، بادام مېغىزى، ئورمان ياڭىقى، ياڭاق، گازىر شۇنداقلا يېرىك ئاشلىق قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.