ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-06-07
ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىك، ئېغىر ئىش قىلماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق.
2. يېمەكلىكلەرنى تەڭشەش. تېخى ياندۇرۇش مەزگىلىگە كىرمىگەن بولسىڭىز دەرھال كۆپرەك نەرسىلەرنى يەۋېلىڭ. ئادەتتە 40 كۈندىن باشلاپ ياندۇرۇش بارا-بارا ئېغىرلاپ 3 ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ. مايلىق گۆشلەرنى يېمەسلىك، سەي-كۆكتات، ئورۇق گۆش، بېلىق، موگو، ياڭاق، چىلان قاتارلىقلارنى يېسىڭىز ياخشى. مايدا داغلاپ پىشۇرغان، چىرىشتىن ساقلىغۇچ قوشۇلغان يېمەكلىكلەردىن مۇراببا، تەييار چۆپ قاتارلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك.3. رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش، كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىك، تېلىۋېزورنى يىراق ئولتۇرۇپ كۆرۈش، ئەڭ ياخشىسى يان تېلېفون ئىشلەتمەسلىك ياكى سومكىسىغا سېلىۋېتىش، تېلېفون كەلگەندە دەرھال قوبۇل قىلماسلىق لازىم.
4. ئادەم كۆپ جايغا بارماسلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.