ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن بوۋاقلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن بوۋاقلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 903 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەن بوۋاقلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

چىلان
ماتېرىيال: قىزىل چىلان 100 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
قىزىل چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ 20~15 مىنۇتقىچە پىششىق قاينىتىمىز. 
چىلاننىڭ پوستى ۋە ئۇرۇقىنى چىقىرىۋىتىپ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 
ماس كېلىش دائىرىسى :
10 ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار
ئەسكەرتمە:
چىلان ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ياخشى مەھسۇلات، شۇڭا < مىۋە شاھى > دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چىلان تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلار ۋە 18 خىل ئامىنو كېسلاتاسى .  مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، بولۇپمۇ ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئۈزۈم ۋە ئالمىنىڭ 80 ~ 70 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ، ۋېتامىن Pنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ، قاندا ماي پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار. 

چىلان ئۆرۈك توخۇ شورپىسى
ماتېرىيال:
توخۇ 500 گرام، يېڭى كاشتان 200 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 5 گرام، يېڭى چىلان 150 گرام، ياڭاق 100 گرام
خۇرۇچلار: زەنجىۋىل 3 گرام، تۇز 3 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئۆرۈك مېغىزىنى قايناق سۇغا سېلىپ، 5 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويىۋىتىمىز، ئاندىن كاشتان ئېتىنى قايناق سۇغا سېلىپ 10 ~ 5 مىنۇتقىچە تۇرغۇزىمىز ۋە ئالغاندىن كىيىن پاكىز يۇيىۋىتىپ، قاينىتىشتىن بۇرۇن يەنە پاكىز سۇغا چىلاپ قويىمىز. 
ياڭاق ئېتىنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ 5 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سۈزۈك سۇدا پاكىز يۇيىمىز، چىلاننىمۇ پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىمىز. 
توخۇنىڭ پۇتىنى كېسىۋىتىپ پاكىز يۇيىمىز، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ 10 مىنۇت تۇرغۇزىمىز، ئېلىپ يەنە يۇيىمىز. 
سۇ 12 ئىستاكان ياكى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قازانغا قۇيۇپ قاينىتىپ، توخۇ، چىلان، ئۆرۈك مېغىزى، زەنجىۋىلنى سېلىپ ئاستا سۇس ئوتتا 2 سائەت قاينىتىمىز، ئاندىن ياڭاق مېغىزى ۋە كاشتاننى سېلىپ يەنە 1 سائەت قاينىتىمىز، تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشىۋالغاندىن كىيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 
يىيىشكە ماس كېلىدىغانلار:
يەسلىدە ئوقۇۋاتقان كىچىك بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. 
پايدىلىق رولى:
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مۇسكۇل- سۆڭەكنى كۈچەيتىپ، ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
ئۆرۈك مېغىزى: ئۆرۈك مېغىزىنى گۈرۈچ ۋە كاشتان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 
يېڭى چىلان: چىلاننى يېڭى تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
ياڭاق مېغىزى: ياڭاقنى  دالا توخۇ گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى