ھامىلىدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىگىچە (3 ئايلىققىچە) سالامەتلىكنى ئاسراشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
ۋاقتى: 2016-02-04
ئاۋاتلىقى: 713 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەيز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، دوختۇرخانىغا بۇرۇنراق بېرىپ ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
● بۇ مەزگىلدە دوختۇرغا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ھامىلىدار بولغان ۋاقتىنى بېكىتىش ھەم بالىنى تۇغسا بولمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ (يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەللەرگە ئوخشاش)بار–يوقلىقىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك.
تۇغىدىغان ۋاقتىنى بىلىۋېلىش كېرەك ( دوختۇر يېزىپ بېرىدۇ)؛
20-يىلى ئاينىڭ كۈنى .
●ئۆزى ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
⊿بالىنىڭ ئەيىپناق تۇغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۇپۇرماق كىسلاتاسى (ۋېتامىن B11 ، سلىئەن)نى بالدۇرراق ئىچىش كېرەك ؛
⊿ ھاراق، تاماكا ۋە زەھەرلىك چىكىملىكتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
⊿قالايمىقان دورا يېمەسلىك، بىتاپ بولسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛
⊿رادېئاكتىپ نۇر، دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەۋى ئۇغۇت ۋە زەھەرلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك؛
⊿بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېغىر ئەمگەك قىلماسلىق؛
⊿ئىت، مۈشۈكتىن يىراق تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېسەل يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش؛
⊿ سۇيۇق-سەلەڭ، ئېغىزىڭىزغا تېتىيدىغان تاماقلارنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، تەركىبىدە يۇپۇرماق كىسلاتاسى ( ۋېتامىن B11) مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك ( جىگەر ۋە يېڭى كۆكتات قاتارلىقلار)؛
⊿قورسىقى ئاغرىسا، جىنسىي يولدىن خۇن كەلسە، قاتتىق ياندۇرۇپ تاماقمۇ يېيەلمىسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.