ھامىلىدارلىقنىڭ 18-ھەپتىسى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا ئىككى قېتىم تەكشۈرتۈش زىيانلىقمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەدەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ، بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئېنىقلاش، بالىياتقۇ سىرتىدا بالا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ 18~20-ھەپتىسى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلىنىڭ ئورنى، داس بوشلۇقىغا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، باش سۈيى، بالا ھەمرىيى قاتارلىقلارنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى بىر خىل دولقۇن، رادىئاكسىيىسى يوق، قىسقا ۋاقىت ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەندە، ھامىلە ۋە ئانىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. پەقەت ئارقا-ئارقىدىن قىلمىسىلا، ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلىق قالدۇرۇپ تەكشۈرتۈشنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.