روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ئىشەنچنىڭ يوقۇلۇشى
ۋاقتى: 2016-04-08
ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار بالىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى، بىراق ئۇزۇنغىچە ھامىلىدار بولالمايدۇ، بالى بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشى خۇددى رەڭسىزلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، شۇڭا بالىلىق بولۇشقا ئالدىراپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قالايمىقانلىشىدۇ، نەتىجىدە ھامىلىدار بولۇشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ خوشال-خۇرام ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، يۇقىرى دولقۇنغا يەتكەندە، پۈتۈن بەدەن ئەڭ چوڭ چەكتە تىزگىنلىنىپ، ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن روھى جەھەتتىن ئاساس سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى دولقۇن بولسا بالىياتقۇ تۇخۇم نەيچىسى ۋە قورساق مۇسكۇلى تەرتىپلىك قىسقىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا پىشىپ يېتىلگەن تۇخۇملار ئاسانلا يېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇخۇم نەيچىسى چۇچىسى ئاكتىپ ھالدا تۇخۇم يىغىدۇ، بالىياتقۇنىڭ سىفون رولى ئىسپىرمىنى بالىياتقۇ بوشلۇقى ۋە تۇخۇم نەيچىسىگە كىرگۈزۈپ، ھامىلىدار بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ماددى ئاساسىنى سالىدۇ.