ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىسلامدىكى كۈنلەشنىڭ مەنىسى

ئىسلامدىكى كۈنلەشنىڭ مەنىسى

ۋاقتى: 2016-06-21 ئاۋاتلىقى: 783 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۈنلەش ـ بىراۋنىڭ ھەققىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بولۇۋېلىشىدىن قىزغىنىشى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىكى كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ نەتىجىلىرىدىن سانىلىدۇ. كۈنلەش ئەرـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىنورمال ئالاقە باغلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۈستىگە باشقا خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، يامان كۆرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەققىدۇر. ئەر كىشىمۇ ئايالىنىڭ ئىككىنچى شەخس بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ۋە ئالاقە باغلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەركىشىنىڭ ئايالىنى باشقا ئەرلەر (ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ بۇ ئايال بىلەن نىكاھتا باغلىنالمايدىغان تۇغقانلىرىدىن باشقا يات ئەرلەر) بىلەن بىنورمال ئارىلىشىشتىن، يولسىز مۇناسىۋەت باغلاشتىن مەنئىي قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن سۆزقىلىشىدىن قىزغىنىشى ئىسلام شەرىئىتىدە تەلەپ قىلىنغان زۆرۈرىيەتتۇر. غۇرۇرلۇق، دىيانەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئۆزىنىڭ خوتۇن ـ قىزلىرىنىڭ يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىنورمال چاقچاقلىشىىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارغا ئۇلار جېنى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە خوتۇن ـ قىزلىرىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى يات ئەرلەرگە ئارىلاشتۇرمايدىغان، ئائىلىسىنڭ ئابرويىنى ۋە نومۇسىنى ساقلاشقا تىرىشىدىغان، غۇرۇرلۇق كىشىلەر ”مۇتەئەسسىب“،” قىزغانچۇق“ دەپ ئاتىلىپ قالماقتا.

 

چۈنكى زامانىمىزدىكى كۆپ كىشىلەر ”شەرمى ـ ھايا“، ”ئەدەب“ ۋە ”نومۇس“ دېگەنلەرنى لۇغەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان رەزىل ياۋرۇپالىقلارنىڭ نىجىس ئادەتلىرىگە ۋە ئەدەبسىز مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولۇپ قالغاچقا، ياۋرۇپا جەمئىيىتىنى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆلگە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەر ئىلاھىي تەلىماتلاردىن ئوزاقلىشىپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرى مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ، دىنىمىزدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنى كەمسىتىدىغان، يامان ئىشلارغا كۆز يۇمىدىغان بولۇپ قالغان. بۇلار كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوتۇن ـ قىزلىرىنى يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشتىن توسمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى قوغدىمايدىغان ئادەمنى ”دەييۈز“ دەپ ئاتىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۈچ خىل ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ھاراقتىن باش ئالالمايدىغان ئادەم. يەنە بىرى، ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقان ئادەم. يەنە بىرى، دەييۈز ئادەم.“

 

ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق ئەپتىن ئېلىندى.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى