بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش
ۋاقتى: 2015-03-06
ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. بالا چوڭ تەرەت قىلغاندا چىڭقىلىپ يىغلىسا، تەرىتى قۇرغاق، قاتتىق ھەم ئاز بولسا قەۋزىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
2. چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارى ئاز، ئەمما قېتىم سانى كۆپ يەنى كۈنىگە 10-20 قېتىم كەلسە، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، بالا قىزىسا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ .
3. چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ، رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل، پۇرىقى سېسىقراق، شىلىمشىق، ياكى كۆپۈك شەكىلىدە بولسا، بالىغا سوغۇق ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى ياكى ھەزىم قىلىشىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك .
4. چوڭ تەرەت قان ئارىلاش، شىلىمشىق، مېۋە شىرنىسىگە ئوخشاش ھالەتتە كەلسە، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ ئوخشاش ھالەتتە كەلسە، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ قېلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم . چوڭ تەرەت قان-يىرىڭ ئارىلاش كەلسە، تولغاقتىن گۇمانلىنىش قىزىل رەڭلىك پۇرچاق شورپىسىغا ئوخشاش كەلسە، نېكروزلۇق ئىنچىكە ئۈچەي بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ ئويلاش كېرەك. ئەگەر چوڭ تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە تامچە قان كەلسە، مەقئەت ئېغىزى يېرىلغان ياكى تۈز ئۈچەيدىكى مۇنچاق گۆش دەپ قاراش كېرەك .
5. ئۈچەي يولى ئىچى-سىرتى يۇقۇملانغاندا زەھەر غىدىقلاش رولىنى ئويناپ، ئۈچەي ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوڭ تەرەت يېشىل رەڭدە كېلىدۇ. بۇنى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى ياكى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى دېڭىز سۈيىدەك كۆك رەڭدە كەلسە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ چوڭ تەرەتتە ئىپادىلىنىشى بولىدۇ.
7. ئاق رەڭلىك چوڭ تەرەت زەمبۇرۇغلۇق ئۈچەي ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، چوڭ تەرەت ئۇيۇپ قالغان سۈتكە، تۇغما خاراكتېرلىك ئۆت يولى توسۇشتا چوڭ تەرەت ئاق رەڭلىك ساپال لېيىغا ئوخشايدۇ. يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بولغاندا چوڭ تەرەت كۆكۈچ رەڭدە بولىدۇ.
8. قارا رەڭلىك ياكى قارامايغا ئوخشاش چوڭ تەرەت يۇقىرى ھەزىم يولى قانىغانلىقى ياكى قانلىق ماددىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ تەرەت قارا كېلىدۇ.