چاپلاق ئىشلىتىشتىكى پرىنسىپلار
يانفوندا كۆرۈش
1. يارىسى ئېغىر، ياللۇغلىنىپ قالغانلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش لازىم. يارا ئېغىزىغا تازىلاش ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن چاپلاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
2. تار ۋە چوڭقۇر يارا ئېغىزى، مەسىلەن: مىخ، پىچاق قاتارلىقلاردىن يارىلانغانلارغا چاپلاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قان توختىغاندىن كېيىن يارا ئېغىزىنى مۇۋاپىق ئېچىپ قويۇش ئارقىلىق قاتما كېسىلى باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىن ئېلىش، ئەگەر زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قاتما كېسىلى ئانتېتىللاسى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
3. يارا ئېغىزى پاكىز ئەمەس ياكى يارا ئېغىزىدا باشقا نەرسىلەر بولغان ئەھۋالدا ئۈستىگە بىۋاسىتە چاپلاق چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ، ئالدىن بىلەن يارا ئېغىزنى تازىلاش، نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئىشلىگەندىن كېيىن چاپلاش كېرەك.
4. قايناق سۇ، ئوت قاتارلىقلاردا كۆيۈپ يارىلىنىپ يارا ئېغىزىدىن سېرىق سۇ سىرغىپ قالغان بالىلارغا چاپلاق چاپلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا ئاجرالمىلارنىڭ ئاجرىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبلىك ئىككلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. تېرىسى يېنىك دەرىجىدە سۈرۈلۈپ كېتىپ پەقەت ئاز مىقداردا قان چىققانلارغا نىسبەتەن چاپلاق ئىشلىتىش ھاجەتسىز. پەقەت يود تىنكتۇرىسى ۋە ياكى ئىسپىرت سۈركەپ قويۇلسا كۇپايە، ئەگەر خاتىرجەم بولالمىسا گېنتىئان ۋىئولېت سۇيۇقلۇقى سۈركەپ قويۇلسا بولىدۇ.
6. ياللۇغلىنىپ قالغان، جاراھەت يۈزىدە ئاجرالما، يىرىڭ قاتارلىقلار بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ چاپلاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
7. يېڭىدىن ئىشلەنگەن چاپلاقلار چاپلاشتۇرغۇچى يېلىمنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ سويۇپ ئالغان چاغدا يارا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئەگەر چاپلاقنى سويۇپ ئالغان چاغدا ئەگەر ئاغرىپ كېتىشتىن قورقسا، ئالدى بىلەن توك شامالدۇرغۇچىنى تۆۋەن خوتقا تەڭشەپ يارا ئېغىزىغا 30 سىكۇنت پۈۋلەتكۈزۈپ چاپلاقنى سويغاندا چاپلاقنى ئاسانلا سويۇپ ئالغىلى بولىدۇ.