مايمۇن شاپتۇلى شەربىتى
ۋاقتى: 2015-07-18
ئاۋاتلىقى: 675 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: مايمۇن شاپتۇلىدىن يېرىم تال، يېڭى كالا سۈتىدىن يېرىم ئىستاكان، يېرىم ئىستاكان خام قايماق، شېكەردىن بىر قوشۇق
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. مايمۇن شاپتۇلىنىڭ پوستىنى ئاقلىۋېتىپ، كىچىك قىلىپ توغرايمىز، ئۇنىڭغا شېكەر، سۈتنى قۇيۇپ، ئېلەشتۈرۈش ماشىنىسىدا ئېلەشتۈرىمىز.
2. خام قايماقنى بىر خىل يۆنىلىشتە توختىماي قوچۇيمىز.
خام قايماقنى ئېلەشتۈرۈش ماشىنىسىدا ئېلەشتۈرگەن خۇرۇچنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، تەكشى ئېلەشتۈرسەكلا بولىدۇ.