بالىلاردىكى ئۈچ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە سەل قارىماسلىق كېرەك
ۋاقتى: 2016-06-24
ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1.يۇتقۇنچاق ياللۇغى. بالىلاردا گېلى قىچىشىش ، يېمەكلىك يۇتۇش قىيىنلىشىش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپرىپ داۋالىتىش كېرەك. بولمىسا باكتېرىيە تېزلىكتە يۇقۇملىنىپ بوغۇم نېرۋا سىستېمىسى ھەمدە يۈرەككە تەسىر پەيدا قىلشى مۇمكىن .
2. ئۇزاققا سوزۇلغان يۆتەل. يۆتەل كۆپ ھالدا زۇكامدىن بولىدۇ، لېكىن يۆتەل ئۇزاققا سوزۇلسا، قۇسۇش، كالپۇك رەڭگى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3.سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش. نۇرغۇن كىشى بالىلاردا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسىلى بار دىسە، ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن دىققەت قىلمىغاندا بالىنىڭ بۆرىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .