ھامىلىدارلىقنىڭ 39-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدارلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
يانفوندا كۆرۈش
39-ھەپتىگە كىرگەندە ھامىلىدارلار قورسىقىدىكى ھۈررەكنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ھەرىكەت قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، سىزدىمۇ بەلكىم نۇرغۇن بىئاراملىق ۋە روھىي بېسىم پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
چەتئەللەردىكى نۇرغۇن پىسخىكشۇناسلار ھامىلىدار ئاياللارغا قارىتا پىسخىك سىناق ئېلىپ بارغان. تۇغۇتقا يېقىن ھامىلىدارلارنىڭ تايىنىۋېلىش ئىدىيەسى كۈچىيىپ پاسسىپچانلىقى ئېشىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قورساقتىكى بالىنىڭ ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھامىلىدار ئاياللاردا تۇغۇتقا يېقىن خاتىرجەمسىزلىنىش ۋە جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇغۇتنىڭ ئاغرىقىدىن، بالىنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشتىن، تۇغۇت يولىنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن قورقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزى ئاياللار قىز تۇغۇلۇپ قالسا كەمسىتىلىشكە ئۇچراشتىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەزگىل بولسا تۇغۇلماقچى بولغان بوۋاقنى كۈتىۋېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭ، شۇڭا يۈكنى ئېلىۋېتىپ ئەركىن ھالدا جەڭگە ئاتلىنىش كېرەك.