ھامىلىدار ئاياللار چىلان يېسە بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-03-06
ئاۋاتلىقى: 701 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار ئاياللار چىلان يېسە بولامدۇ؟
بۇ ھەقتە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت.
قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشى: يېسە بولىدۇ، چۈنكى چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، يەنە كېلىپ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن قان تولۇقلاش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. چوڭ چىلاننىڭ تەركىبىدە. مول مىقداردا ۋىتامىنC ،A ،P ، يوپۇرماق كىسلاتاسى بار بولۇپ، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئانا تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تالنى جانلاندۇرۇپ، ئاشقازاننى ياخشىلاش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە.
قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارىشى ــــ ھامىلىدار ئاياللار چىلان يېسە بوممايدۇ، چۈنكى چوڭ چىلاننىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بولغانلىقتىن، ئادەتلەنگەن چۈشۈك ، بالدۇر تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەھرىرنىڭ قارىشى: يېسە بولىدۇ، ئەمما مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ھەر نەرسە ئۆز لايىقىدا بولسا ئەڭ ياخشى.