ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىخەتەر دورا ئىشلىتىش

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىخەتەر دورا ئىشلىتىش

ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 714 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنى كۆپلىگەن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەممىسى بىلىدۇ. بىراق، زادى قايسى دورىلار ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئادەتتە، ئۈچ خىل ئەھۋال بار:
بىرىنچىدىن، ماڭقا توختىماي ئاققان، يۆتەلگەن تەقدىردىمۇ، ھامىلىدار ئايال دورا يېيىشنى خالىماي سەۋر قىلىپ تۇرۇش.
ئىككىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن دورا يېيىش.
ئۈچىنچىدىن، ھامىلىدار ئايال سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەت دورا يېيىشكە، ئېھتىياجلىق، شۇڭلاشقا، دورىنىڭ ھامىلە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەش.
يۇقىرىقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، پەقەت ھامىلىدار بولماقچى ياكى ھامىلىدار ئاياللار ھەممىسى بەلكىم دورا ئىشلىتىشتىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

غەيرىلىكنى پەيدا قىلىدىغان دورىلار:

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: ئىشلەتكەندە ھامىلىنىڭ پۇت-قولى ھەم ئىچكى ئەزالىرىدا كەمتۈكلۈك يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئانتىبىيوتىك: تۈرى بىرقەدەر كۆپ، تۆۋەندە تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

تېتراسىكىلىن: ھامىلە چىشىنىڭ  رەڭگى ئۆزگىرىش ھەم سۆڭەك يېتىلىشنىڭ نورمال بولماسلىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
سۇلفانىلامىد تۈردىكى دورىلار: بەلكىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا  يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا قىلىپ، شۇ سەۋەبتىن مېڭە قىسمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ياكى بەدەننىڭ كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئاسپىرىن: بىر خىل ئاغرىق توختىتىپ، قىزىتما قايتۇرىدىغان دورا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئاسان قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرلىك ھورمۇن: قىز ھامىلىنىڭ دىلچىقىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلەشتۈرۈپ، جىنسى لەۋنىڭ قوشۇلۇپ كېتىپ، ئەركەكلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، كۆپىيىش ئەزالىرى ئېنىق ئايرىلالمايدۇ.
ئاياللىق ھورمۇن: بەلكىم قىز ھامىلىدە كۆپىيىش ئەزاسى كەمتۈك بولۇش ھەم راك كېسىلىگە ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  ياكى ئوغۇل ھامىلىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىدا ئازراق ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تىنچلاندۇرۇش دورىسى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشنى تورمۇزلاپ قويىدۇ.
راكقا قارشى تۇرۇش دورىلىرى: DNA، RNA ۋە ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ھامىلە ئەزالىرىدا نورمالسىزلىق پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۆڭەك يېتىلىشنىڭ نورمال بولماسلىق، كالپۇك-تاڭلاينىڭ يېرىق بولۇش، مۈڭگۈز پەردە خىرە بولۇش قاتارلىقلار كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
 قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى رېئاكتىپ: ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە قاناش سەۋەبىدىن ئۆلۈشنى پەيدا  قىلىشى مۇمكىن.
تۇتقاقلىققا قارشى دورا: يېرىق تاڭلاي، توشقان كالپۇك، بالىياتقۇدا ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇش،  كىچىك مېڭە كېسىلى، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

خېروئىن قاتارلىق مەنئى قىلىنغان دورىلار: ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، ئەقلى قابىلىيىتى كەمچىل بولۇش، بالدۇر تۇغۇلۇش، بوۋاقلارنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىغا توشماسلىق، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاق تىنچلانمايدىغان بولۇش، بوۋاقنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىسپىرت: بالىياتقۇدا ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇش، كىچىك مېڭە كېسەللىكى، ئەقلى قابىلىيەت كەمچىل بولۇش، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى تۇسقۇنلۇققا ئۇچراش، يۈز قىسمى  بىلەن  ئۈگە نورمالسىزلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا: تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، كاربون چالا ئوكسىد ياكى باشقا زەھەرلىك ماددىلار بەلكىم ھامىلىگە تۆۋەندىكىدەك ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن: تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇش، ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قىلىش، بوۋاقلارنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىغا توشماسلىق، تاڭلاي-كالپۇك يېرىق بولۇش، يۈرەك قان تومۇر ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى نورمالسىزلىقى قاتارلىق غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ۋېتامىن: ئاياللار ۋېتامىننى ئىستېمال قىلىش مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ھەم ھامىلىگە پايدىسىز، ۋېتامىن ئىچىپ تولۇقلاشقا ئادەتلەنگەن ھامىلىدار ئانىلار ئەڭ ياخشىسى مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى