ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-09-08
ئاۋاتلىقى: 698 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ تۈرى كۆپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاشلىقلار ( گۈرۈچ، ئۇن) 350~400 گىرام ، قارا ئاشلىقلار ( سۆك، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر) 50 گىرام ئەتراپىدا، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر 50 گىرام ، سۈت تۈرىدىكىلەر 220~250 مىللىلىتىر، گۆش تۈرىدىكىلەر 100~150 گىرام ، كۆكتاتلار 400~500 گىرام ، ئۆسۈملۈك مېيى 25~40 گىرام ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم ھايۋانات جىگىرى 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. دائىم دېڭىز يۈسۈنلىرى، مېۋە-چىۋىلەرنى يەپ بېرىش كېرەك.