ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسى: دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
يانفوندا كۆرۈش
ئەر بولغۇچى دىققەت قىلىش كېرەك، ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسى، ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. ھەرگىز ئارتۇقچە ئېغىر ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرماسلىق كېرەك. مەسىلەن كىر يۇيۇش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، نەرسە يۆتكەش، ئېگىزگە چىقىش قاتارلىقلار. گەرچە ئالدىنقى بىر مەزگىلىگە قارىغاندا، ھامىلە خېلى مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق، يەنىلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھازىر، ئايالىڭىزنىڭ پۇتى چۈشتىن كېيىن بولغاندا بەلكىم سەل-پەل ئىششىپ قىلىشى مۇمكىن. يەنە ئەرلەر جاپا چېكىدىغان بولدى، ھەركۈنى ئاخشام، ئايالىڭىزغا بىر داس ئىلمان پۇت يۇيىدىغان سۇ تەييارلاپ بېرىڭ، ئايالىڭىزغا ياردەم قىلىپ تاپىنىنى ئۇۋۇلاپ قويۇڭ، چوقۇم ئايالىڭىز تىت-تىت بولغاندا ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە تەسەللى بىرىڭ.